تەيۋەندىكى دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى نىزامنامىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندىكى دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى (مىنجىنداڭ) پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلالمىغاندىن كېيىن، بۇ پارتىيە ئىچىدە، نىزامنامىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ياكى كىرگۈزمەسلىك ھەققىدە جىددىي مۇنازىرە بولغان.

نەتىجىدە، تەيۋەندىكى دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى ئۆزگەرتىلمەيدۇ دېگەن ئورتاق پىكىر شەكىللەنگەن.

تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسىدە «ئىگىلىكى مۇستەقىل، ئەركىن، دېموكراتىك تەيۋەن قۇرۇش» دەپ بەلگىلەنگەن. 1999‏-يىلى تەيۋەننىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئېلىنغان قاراردىمۇ، تەيۋەننىڭ ئىگىلىكى مۇستەقىل بولغان ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئەگەر ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، پۈتۈن خەلق ئاۋاز قويۇپ قارار قىلىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى.