تەيۋەندىكى گومىنداڭ مەركىزى كومىتېتى دائىمىي ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۈنۈگۈن بىراقلا ئىستىپا بەردى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندىكى گومىنداڭ يېقىندا سايلاپ چىققان 32 نەپەر مەركىزى كومىتېت دائىمىي ئەزاسىنىڭ 25ى تۈنۈگۈن بىراقلا ئىستىپا بەرگەن.

بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار تولۇقلاپ سايلاش ئۈچۈن يىغىن ئاچسىمۇ ئادەم سانى يېتىشمەيدۇ. ئەمدى گومىنداڭ قايتىدىن چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەندىكى گومىنداڭ ئۆزىنىڭ مەركىزى كومىتېتى دائىمىي ئەزالىرىنى سايلاپ چىققاندىن كېيىنلا سايلام جەريانىدىكى پارىخورلۇقلار پاش بولۇپ قېلىپ، كۆپ سەتچىلىك يۈز بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەيۋەننىڭ سىياسىي سەھنىلىرىدە يېقىندىن بۇيان جىددىي داۋالغۇش پەيدا بولۇپ، ھەتتا قويۇلغان كىنو فىلىملىرى توغرىسىدىمۇ جىددىي تۈس ئالغان مۇنازىرە، قوپال تالاش-تارتىش، بىر-بىرىنى قاتتىق سۆكۈش ئەۋج ئېلىپ كەيپىيات بۇزۇلغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەندە ما يىنجيۇنىڭ رەئىسلىكىدىكى گومىنداڭنىڭ ھازىر دۆلەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى بىر تارىخقا ئايلاندى.