خىتاي ئامېرىكىنى تەيۋەنگە ھەربىي ئەسلىھەلەر سېتىپ بەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسىگە رادار ئەسلىھەلىرى سېتىپ بەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تەيۋەنگە رادار ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ بېرىش رۇخسەتنامىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، بۇنىڭ 2 دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كروۋلى بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، رادار ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ بېرىش رۇخسەتنامىسى ئالغان ئامېرىكا شىركىتىنىڭ تەيۋەننى مۇداپىئە خاراكتېرلىك تېخنىكا ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەپ، تەيۋەننىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ھاۋا مۇداپىئە رادار سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى ھەربىي قورال - ياراق ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكىنى بۇ خاتا قارارىنى قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىرىپ، تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىش، تەيۋەن بىلەن ھەربىي ئالاقە قىلىشنى توختىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە يارىلىنىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا - تەيۋەن قورال - ياراق سودىسى ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا ئىزچىل تالاش - تارتىشتىكى مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى. لېكىن، ئامېرىكا "تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى"غا ئاساسەن تەيۋەننىڭ ھەربىي تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراشتىن قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.