تەيۋەن بۇ يىل ئەسكەر قىسقارتىشنى پىلانلىدى
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.03.07
2011.03.07
تەيۋەننىڭ بۇ پىلانى، ئامېرىكىنىڭ 2010-يىلى تەيۋەنگە جاكارلىغان خىتاينىڭ باشقۇرىدىغان بومبىلىرىنى توسالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر قالقان سىستېمىسى، ف-16 بەلگىلىك ئىلغار بومباردىمانچى، قارا لاچىن بەلگىلىك تىك ئۇچار قاتارلىق ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئاساسىدا، شۇنداقلا تەيۋەن 2 مىليون 750 مىڭ ئەسكىرىنىڭ 60 مىڭىنى ھەر يىلى زامانىۋى ھەربىي تەلىم -تەربىيىگە ئىگە قىلىش مۇمكىنلىكى ئاساسىدا تۈزۈلگەن.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، تەيۋەن 1949-يىلى، خىتايدا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتا خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن بۇيان، تا ھازىرغىچە ئۆزىنى خىتايدىن ئۈنۈملۈك مۇھاپىزەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.