تەيۋەن بۇ يىل ئەسكەر قىسقارتىشنى پىلانلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تەيۋەن بۇ يىل ئەسكەر قىسقارتىشنى، يەنى 9 مىڭ ئىككى ئەسكەرنى ئازايتىشنى پىلانلىدى.

تەيۋەننىڭ بۇ پىلانى، ئامېرىكىنىڭ 2010‏-يىلى تەيۋەنگە جاكارلىغان خىتاينىڭ باشقۇرىدىغان بومبىلىرىنى توسالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر قالقان سىستېمىسى، ف‏-16 بەلگىلىك ئىلغار بومباردىمانچى، قارا لاچىن بەلگىلىك تىك ئۇچار قاتارلىق ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئاساسىدا، شۇنداقلا تەيۋەن 2 مىليون 750 مىڭ ئەسكىرىنىڭ 60 مىڭىنى ھەر يىلى زامانىۋى ھەربىي تەلىم -تەربىيىگە ئىگە قىلىش مۇمكىنلىكى ئاساسىدا تۈزۈلگەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، تەيۋەن 1949‏-يىلى، خىتايدا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتا خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن بۇيان، تا ھازىرغىچە ئۆزىنى خىتايدىن ئۈنۈملۈك مۇھاپىزەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.