تەيۋەن گېزىتى: "ئامېرىكا تەيۋەنگە ئىككى ھەربىي پاراخوت سېتىپ بەرمەكچى"

تەيۋەندىكى بىر گېزىت پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئىككى ھەربىي پاراخوت سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ گېزىت خەۋىرىنى تەيۋەندىكى بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىگە ئاساسەن بەرگەن بولۇپ، خەۋەردە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى يېقىندا تەيۋەنگە ئىككى ھەربىي پاراخوت سېتىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، پاراخوتلارنىڭ ھەر بىرى 20 مىليون دوللار قىممىتىدە بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ياكى 2011 - يىلىنىڭ بېشىدا قارارنى ماقۇللايدىكەن.

خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى بۇ خەۋەرنىڭ راست - يالغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئېلىپ بارغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىم يېقىندا ۋېيتنامدا ئېچىلغان شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ھەمكارلىق يىغىنىدا، " دېڭىزدا ئەركىن سەپەر قىلىش، ئاسىيادىكى ئورتاق دېڭىزغا كىرىش ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى خەلقئارالىق قانۇنلارنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى قاتارلىقلاردا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى بار" دېگەن.

بېيجىڭ دائىرىلىرى بولسا كلىنتون خانىمنىڭ بۇ بايانلىرىنى بىر " ھۇجۇم" دەپ قارىغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر تەيۋەن گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر راست بولۇپ چىقسا، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.