ئەمما ئىران خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەيىبلىشىنى ئېتىراپ قىلمىدى.
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان تېلېگراف گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن شىركەتلىرى مەخسۇس ئۆزى قوللىنىش ئۈچۈن ئىمزا قويۇپ ياۋروپادىن سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئىرانغا ساتقان بۇخىل ئىلغار ئەسۋاپ بىلەن ئايروپىلان ۋە راكىتالارنىڭ قانچىلىك ئېگىزلىكتە ئىكەنلىكىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئىكەن.
ئىران بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنداق ئىلغار نازۇك ئەسۋاپلارنى ياۋرۇپادىن ياكى ئامېرىكىدىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىدى.