تەيۋەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن «خارپۇن» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇردى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن يېقىندا سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا، ئامېرىكىدا 2008-يىلى سىناقتىن ئۆتكەن مۇساپىسى 120 كىلومېتىرلىق «خارپۇن» بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇردى.

بۇنىڭ بىلەن تەيۋەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرى F-16 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلانلارغا ماسلىشالايدۇ. خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» مۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، تەيۋەننىڭ بۇ بىر يۈرۈش مۇداپىئە كۈچى كېلەر يىلىغىچە ئۇرۇش قىلىشقا تەييار ھالغا كېلەلەيدۇ دەپ تەسۋىرلىدى.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، تەيۋەن 1949-يىلى خىتايدىن ئايرىلىپ چىققان، ئەمما خىتاي ھازىرغا قەدەر تەيۋەننى «خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ.