تەيۋەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جياڭ يىخۇا، بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى مەزكۇر ماددىلارنىڭ، تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە زىت ئىكەنلىكىنى، تەيۋەندە كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، مەزكۇر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزكەنلىكىنى بايان قىلغان.
مىنىستىر يەنە ئىلگىرىكى ماددىلارنىڭ، ب د ت تەرىپىدىن ماقۇللانغان خەلقئارا ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسىگىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن پارلامېنتى بۇ قېتىم يەنە تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى«پۇقرالار دۆلەت چېگرىسىدىن چىققان ۋە كىرگەندە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن رۇخسەت ئېلىش كېرەك» دېگەن ماددىنىمۇ چىقىرىپ تاشلىغان.
تەيۋەن پارلامېنتى ئەمەلدىن قالدۇرغان يۇقىرىقى ئۈچ ماددىدىن ئىككىسى نۆۋەتتە خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق تۈردە ئىجرا قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىش ئەمەس، ئۇنى خىيال قىلىشمۇ جىنايەت سانالماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىزغا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، دېموكراتىك ھەق-ھوقۇق جەھەتتىن «تەيۋەننىڭ بۈگۈنى، خىتاينىڭ ئەتىسى» ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي قانۇنىدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى ھەققانىيلاشتۇرىدىغان ماددىلارنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.