باياناتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ ۋاقتى توغرا كەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان.
تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇن جىڭپىڭ: "بۇ ھەقتىكى تەكلىپنامىنى پرېزىدېنت قوبۇل قىلمىدى" دېگەن ۋە يەنە، ۋاقت مەسىلىسىنىڭمۇ مەزكۇر تەكلىپنىڭ رەت قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تەيۋەن دائىرىلىرى تەيۋەندە تۇرۇشلۇق خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ تەيۋەندە ھەرىكەت قىلىش چەكلىمىسىنى بىر ئاز بوشاتقان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاي مۇخبىرلىرى تەيبېي شەھىرى سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى بولسا تەيۋەن دائىرىلىرىدىن رۇخسەت ئالمىسىمۇ بولىدىكەن.
ما يىڭجۇ ئوتكەن يىلى تەيۋەن پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، خىتايغا مايىل سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن ئىدى. ما يىڭجۇنىڭ خىتاي ئاخباراتىنىڭ زىيارەت تەلىپىنى رەت قىلىشى خىتاي - تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى يەنە بىر قاتار سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتلەرگە توغرا كەلدى.