'مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى' 22 - سېنتەبىر گاۋشيۇڭدا قويۇلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا قارىماي" مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" 22 - سېنتەبىر گاۋشيۇڭدا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەيۋەندىكى مۇستەقىلچىلەر رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈشكە يۈزلىگەن ئادەم قاتناشقان. فىلىم بىر ئاممىۋى كىنو كۈتۈپخانىسىدا كۆرسىتىلگەن.

تەيۋەننىڭ گاۋشيۇڭ شەھىرى تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى ئەڭ كۆپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى.

سەيشەنبە كۈنى، بىر قىسىم تەيۋەنلىكلەر "خىتاي زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرىمىز!، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايمىز!، "تەيۋەن ۋە خىتاي ئىككى قىرغاقتىكى ئىككى دۆلەت !" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.

فىلىمنىڭ ئەسلىدىكى پىلان قىلىنغان ۋاقىتتىن بۇرۇن قويۇلۇشى كىشىلەرنى ئەجەبلەندۈردى. لېكىن، ھازىرچە بۇ ھەقتە رەسمىي چۈشەنچە بېرىلمىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، "تەيۋەن ياشلار تەيۋەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشكىلاتى" سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە كېلىشكە تەكلىپ قىلغانلىقنى بىلدۈرگەن.

باياناتچى گەري چاڭ، گەرچە رابىيە قادىر خانىمغا تەكلىپ ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىش - بەرمەسلىكىگە بىرنەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.