تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندىكى "كوممۇنىستلارغا قارشى ۋەتەننى قۇتقۇزۇقۇش ياشلار تەشكىلاتى"دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى لىن باۋخۇئا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، رابىيە قادىرنى تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېيىشنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەييارلىغان ماتېرىيالدىن كەلگەنلىكى، بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم بۇنى چۈشەندۈرۈشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
لىن باۋخۇئا يەنە ئۆزلىرىنىڭ رابىيە قادىرنى يەنىلا تەيۋەنگە داۋاملىق تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ۋاڭ دەنمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ مەيدانىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ رابىيە قادىرنى تونۇيدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، رابىيە قادىرنى تېررورىزم بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېيىشنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، ئەگەردە ئۇنداق بولغان بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن مەمۇرىي پالاتاسىنىڭ رەئىسى بۈگۈن رابىيە قادىرنىڭ ھاياتى باش تېما قىلىنغان " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق فىلىمنىڭ تەيۋەندە قويۇلۇشىنى چەكلىمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھازىر، بۇ فىلىمنى تەيۋەننىڭ باشقا شەھەرلىرىدە قويۇش تەلەپلىرىمۇ كۈچەيگەن ئىكەن.
تەيۋەن مەمۇرىي پالاتا رەئىسى يەنە ھۆكۈمەتنىڭ رابىيە قادىرنى "تېررورچى" دەپ ئاتىمىغانلىقىنىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتكەن بولۇپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىنى رەت قىلىشى تەيۋەن جەمىيىتىدە يەنە بىر مەيدان بەس - مۇنازىرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.