تەيۋەن ھۆكۈمىتى: 'بىز رابىيە قادىرنى ھېچقاچان تېررورچى دېمىدۇق'

بۈگۈن تەيۋەن ھۆكۈمىتى، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلارغا ئىزاھات بېرىپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ، ھېچقاچان رابىيە خانىمنى تېررورچى دەپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جىئاڭ يى خۇئا ئۆتكەن ھەپتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭ سەۋەبىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمىيەت تەرتىپىنى كۆزدە تۇتۇش دەپ چۈشەندۈرگەن ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككى تېررورچى تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

بۈگۈن تەيۋەن پارلامېنتىدا بۇ ھەقتە تالاش - تارتىش بولغان. تەيۋەن مەمۇرى مەھكىسىنىڭ باشلىغى ۋۇ دۇنيى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، "تەيۋەن ھۆكۈمىتى ھېچقاچان رابىيە قادىر خانىمنى تېررورچى دېمىدى، ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىمۇ تېررورچى تەشكىلات دېمىدى" دەپ ئىزاھات بەرگەن.

جياڭ يىخۇئا ئۆتكەن ھەپتىدىكى سۆزىدە، شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى بىلەن شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەركىتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ تىلغا ئالغان ئىدى. بۈگۈن تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمە باشلىغى، جياڭ يىخۇئانىڭ سۆزلىرىنىڭ خاتا بولمىغانلىنى بايان قىلغان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ خەلقارا ساقچىنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.