تەيۋەن، خىتاينىڭ 'بەزى كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، گاۋشيۇڭنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزدى' دېگەن باياناتىنى تەنقىد قىلدى

تەيۋەن دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ گاۋشيۇڭدىكى كىشىلەر تىبەت ۋە ئۇيغۇر "بۆلگۈنچىلەر" بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى نامايەن قىلغانلىقى سەۋەبى خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ گاۋشيۇڭغا بارمىغانلىقىغا دائىر سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى.

تەيۋەن چوڭ قۇرۇلۇق ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى لەي شىنيۈەن تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلار ئىشخانىسى باياناتچىسى فەن لىچىڭنىڭ سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، "بۇ سۆزلەر فەن لىچىڭنىڭ تەيۋەن دېموكراتىيىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ناھايىتى يۈزەكى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزى تەيۋەن خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىك" دېگەن.

گاۋشيۇڭ شەھىرى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتىنى تېما قىلغان "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى 10 - ئايدىكى گاۋشيۇڭ خەلقئارا كىنو فېسىتىۋالىدا قويۇشنى قارار قىلغان ئىدى. بۇ قارار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىدىكى ساياھەت شىركەتلىرىنى گاۋشيۇڭغا ساياھەتچى ئاپارماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

فەن لىچىڭ "گاۋشيۇڭ شەھىرىدىكى كۈچلەرنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر مۇستەققىلىقىنى قوللاپ، جۇڭگونىڭ نىگىزلىك مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان بۆلگۈنچىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى، جۇڭگو ساياھەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى نورمال" دېگەن ئىدى.

گاۋشيۇڭ ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى شۇ لىمىڭ، خىتاينىڭ ساياھەتچىلەرنى سىياسىي مەقسەتكە يېتىشتىكى كوزۇر قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، "تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم دەپ قارايدۇ. مانا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ گاۋشيۇڭ فىلىم فېستىۋالىغا ئارىلاشماسلىقىدىكى سەۋەبدۇر" دېگەن.

رابىيە خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم جۈمە كۈنى گاۋشيۇڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىلدى.