تەيۋەن 8 نەپەر ھەربىي خادىمنى خىتاي ئىشپىيونى دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئالدى

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى يېقىندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 8 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك دەم ئېلىشقا چىققان ھەربىي خادىمنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش گۇمانى بىلەن قولغا ئالغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قولغا ئېلىنغان ئوفىتسېرلارنىڭ ئىچىدە تەيۋەن دېڭىز ئارمىيىسى ھاۋارايى ۋە دېڭىز-ئوكيانشۇناسلىق ئورگىنىنىڭ سابىق پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك كوماندىرى جاڭ چىشىنمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن مەزگىل خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تەيۋەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ يۈرۈش لىنىيىلىرىنىڭ خەرىتىسى ھەمدە تەيۋەننىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە باشقا مەخپىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن.

ئەمما، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەتبۇئاتلاردا پەيدا بولغان جاڭ چىشىننىڭ مەزكۇر يۇقىرى ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قولغا چۈشۈرۈشىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ مۇنداق مەخپىيەتلىككە يېقىنلىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر خىتاي تەرەپ تەيۋەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى ھەمدە دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئائىت مەخپىي ئۇچۇرلارنى بىلسە، ئۇرۇش پارتلىغان ئەھۋال ئاستىدا تەيۋەنگە قاتتىق زەربە بېرەلەيدىكەن.

تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق مۇناسىۋەتلىرىدە ئاممىۋى يوسۇندا ياخشىلىنىش بولسىمۇ، ئەمما ھەربىي تەھدىت يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى كۆزىتىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس.