ب ب س نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋەلليىس گرەگسىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىز سۈرئەت بىلەن ئاشۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە ئەتراپىدىكى باشقا قوشنا دۆلەتلەرگە ھەربىي جەھەتتىن تەھدىت پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى خاتا چۈشەنچىنىڭ ۋە سەۋەنلىكلەرنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تەھدىت ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىنىشىچە مەزكۇر يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن تەيۋەن - خىتاي ئارىسىدا ھەربىي كۈچ جەھەتتە تەڭپۇڭسىزلىق مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋەلليىس گرەگسىن سۆزىدە يەنە، "خىتاينىڭ ھەربىي ئۇچۇرلىرى ئوچۇق - ئاشكارا ئەمەس. خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ زادى نېمىلىكى كىشىدە گۇمان قوزغايدۇ،" دېگەن.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا تەيۋەنگە ۋەتەنپەرۋەر 3 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغان، خىتاي دائىرىلىرى بولسا قارارنى قاتتىق تەنقىدلەپ بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان ئەپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.