تەيۋەن، 'خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى دەرھال يىغىشتۇرۇپ كەتمىسە' تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن باش مىنىستىرى ۋۇ دۈنيى بۈگۈن خىتايدىن، تەيۋەن ئارىلىنى خاراب قىلىش ئۈچۈن تىكلەپ قويغان، مۇساپىسى تەيۋەن بوغۇزىدىن ھالقىپ ئۆتەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى دەرھال يىغىشتۇرۇپ كېتىشنى، تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى پائالىيىتىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى ۋە 'ئۇنداق قىلمىسا، تەيۋەن ھازىر خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزمەيدۇ' دەپ جاكارلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ئىلېنا روز لېتىنېن قاتارلىق تەيۋەننى قوللايدىغان جۇمھۇرىيەتچى ئەزالارمۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباماغا تەيۋەنگە قورال سېتىشنى تەستىقلاش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتتى.

خىتايغا دوستلۇق ئىپادىلەۋاتقان تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىنجۇ، گەرچە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلۇپ ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايدىن تەيۋەنگە تىكلەپ قويغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي تۇرىۋاتىدۇ.

خىتاي 1949‏ - يىلى ئاللىقاچان بۆلۈنۈپ چىققان تەيۋەننى، ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ زىمىنى دەپ قاراپ، 1500 دەك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تىكلەپ قويۇپ تەھدىت سېلىۋاتقىلى خېلى يىللار بولۇپ قالدى. گەرچە تەيۋەنمۇ 'شوڭفېڭ ئىككى' بەلگىلىك 600 كىلومېتىر مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىناق نەتىجىسى تېخى نامەلۇم.