تەيۋەن خەلقى بۇ نامايىشتا يەنە، خىتاينىڭ تەسىرىنى تەيۋەنگە باشلاپ كېرىۋاتقان پرېزىدېنت مايىڭجۇنى ئەيىپلىدى.
تەيۋەندە بۈگۈن يۈز بەرگەن بۇ خىتايغا قارشى نامايىش، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بۈگۈن، خىتاينىڭ ماكاۋنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ماكاۋغا كەلگەن؛ خىتاينىڭ مۇئاۋېن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بولسا، خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە ھەربى مۇناسىۋىتى ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن جازا قوللۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بېرمىنى ۋە خەلقئارا جىددىي ئەيىپلەۋاتقان كامبودىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋاقىتقا توغرى كەلدى.