'مۇھاببەتنىڭ 10 شەرتى' خىتاي دۆلەت بايرىمى كۈنى تەيۋەندىكى 5 شەھەردە تەڭ قويۇلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.10.01
2009.10.01
مەزكۇر پائالىيەتنى تەيۋەندىكى تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تەيجوڭ، تەينەن، تەيبېي، پىڭدوڭ قاتارلىق 5 شەھەردە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 6:00 ۋە 7:00 لەردە تەڭلا قويۇلغان.
بېلەت تاماشىبىنلارغا بىكارغا تارقىتىلغان بولۇپ، پۈتۈن چىقىمنى تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالغان. تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر فىلىمنى 1 - ئۆكتەبىرگە توغرىلاپ تەيۋەندىكى ھەر قايسى شەھەرلەردە قويۇشىدىكى سەۋەب "خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە تىبەتنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش"، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رابىيە خانىمنىڭ تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرىنى ۋە تىبەت كىنو رېجىسسورى دۇنجۇ ۋاڭچىڭنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھۆررىيەتپەرۋەر تەيۋەنلىكلەرگە چاقىرىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
يېقىندا تەيۋەندىكى كوممۇنىزمغا قارشى ئاممىۋى تەشكىلاتلار رابىيە خانىمنى تەيۋەنگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلغاندا رابىيە خانىم 12 - ئايدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن، تەيۋەن ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تېررورچى تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. رابىيە خانىم بولسا تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سود مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.