بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا تەيۋەن سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، گومىنداڭ پارتىيىسى تەيۋەننىڭ شىنجۇ شەھىرى، تاۋيۈەن ناھىيىسى ۋە جايى ناھىيىسى قاتارلىق رايونلارنىڭ پارلامېنتىدىكى ئورۇنلىرىنى تەيۋەن دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيىسىگە تارتقۇزۇپ قويغان.
تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسى 2008 - يىلدىكى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ما يىڭجۇ پرېزىدېنت بولغان ئىدى. ما يىڭجۇ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاپ، تەيۋەننىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يۇمشاق سىياسەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلگىرىلەش پارتىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.
مەلۇم بۆلۈم بولۇشىچە، ما يىڭجيۇنىڭ قوللاش نىسبىتى ئۇ يېڭى سايلانغاندا 60 پىرسەنت ئەتراپىدا بولۇپ، قوللاش نىسبىتى ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتىن بۇيان 20 دىن 30 پىرسەنتكىچە تۆۋەنلىگەن.
خەۋەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلگىرىلەش پارتىيىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يەرلىك پارلامېنت سايلىمىدا ئارقا ئارقىدىن ئۇتۇپ چىقىشى بۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ما يىڭجۇ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان خىتايپەرەس سىياسەتكە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.