ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئوبامانى تەيۋەنگە F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈردى

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچى ئەزالار بىردەك ئوبامانى تەيۋەنگە F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى تەستىقلاشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىن بېرىلگەن باياناتتا، بېيجىڭ 1600 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تەيۋەنگە توغرىلاپ قويغان بىر شارائىت ئاستىدا، تەيۋەن كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشقا ئېھتىياجلىق، دەپ كۆرسىتىلگەن.

تەيۋەن ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىدىن F-16 تىپلىق ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. گەرچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن تەيۋەنگە F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 يېرىم مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال سېتىپ بېرىش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تېخى ھازىرغىچە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلانماي كەلمەكتە.

دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بۈگۈنكى باياناتىدا ئوبامانى بۇ ئىشنى كەينىگە سۈرۈۋەتمەي ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا چاقىرىپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى دېگەن.

ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدىمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى 45 ئەزا ئامېرىكا پرېزىدېنت ئوباماغا مەكتۇپ يوللىغان. ئۇلار مەكتۇپىدا ئامېرىكىنى، ئەگەر تەيۋەنگە F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بەرمىگەن تەقدىردە، تەيۋەن خىتاينىڭ قوراللىق تەھدىتىگە ۋە ھەتتا ئىغۋاگەرچىلىكىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.