ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ ما يىڭجۇنىڭ ئامېرىكىدىن 20-قېتىم بۇ خىل كۈرەشچى ئايروپىلاننى سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئىكەن.
ما يىڭجۇ ئۆز سۆزىدە تەيۋەننىڭ ف 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىشى، ھازىر تەيۋەندە ئىشلىتىلىۋاتقان ف 5 تىپلىق كونا شەكىلدىكى كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن ئىشخانىسىنىڭ رەئىسى رايموند بۇرگخارد ئەپەندىمۇ ئۆز بايانىدا تەيۋەننىڭ ف 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى تەلەپ قىلىشى، ئامېرىكا- تەيۋەن مۇناسىۋىتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئۈزلۈكسىز ئېتىبار بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، رايموند بۇرگخارد بۇ قېتىمقى تەيۋەن زىيارىتىدە يەنە تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا، يەنە تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سەي يىڭۋېن بىلەنمۇ كۆرۈشىدىكەن.
