ەكتەپنىڭ نامى «دېموكراتىيىنىڭ يېڭى مەكتىپى» بولۇپ، بۇ تور مەركتىۋى داڭدار ئاكادېمىكلارنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئابۇنىلىرىغا دېموكراتىيە چۈشەنچىسىنى تارقىتىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
مەكتەپ ئۆز بېكىتىدە: خىتاي كوممۇنىستلىرى پۈتۈن دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلماقتا، دەپ بايانت ئېلان قىلغان.
ۋاڭدەن تەيۋەندىن چىقىدىغان كەچلىك گېزىتىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ: خىتاي دېموكراتىيىسىنىڭ سىزگە نېمە قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى سورىماي؛ سىزنىڭ خىتاي دېموكراتىيىسى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىڭىزنى سوراڭ، دەپ جاۋاب بەرگەن.
ۋاڭدەن 89-يېدىكى ئوقۇغۇچلار ھەرىكىتى بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتايدا تۈرمىگە قامالغان ۋە بىر نەچچە يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن ئامېرىكىغا چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.