تيەنئەنمېن ئانىلىرى ئىككى يىغىن ۋەكىللىرىدىن 4-ئىيۇن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىشنى تەلەپ قىلدى

1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن 4-ئىيۇن ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى 1995-يىلدىن باشلاپ، «تيەنئەنمېن ئانىلىرى» نامىدا تەشكىللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 4-ئىيۇن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

تيەنئەنمېن ئانىلىرى بۈگۈن، بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىن ۋەكىللىرىگە ئوچۇق خەت يېزىپ ئۇلارنى، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە، ھەقسىزلىكلەرگە قاراپ تۇرماسلىققا ۋە زۇلۇمغا شېرىك بولماسلىققا چاقىرغان.

ئوچۇق خەتتە، 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قايتا باھا بېرىلىشى، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا تۆلەم بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

4-ئىيۇن ۋەقەسى خۇددى يېقىنقى مىسىر ۋە تۇنىس ۋە لىۋىيىدىكى نامايىشلارغا ئوخشاشلا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما، نەتىجىسى تامامەن پەرقلىق بولغان يەنى قانلىق باستۇرۇلغان. باستۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.

ئەينى چاغدا نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانىنى 400-800 ئارىسىدا دەپ خەۋەر قىلسا، يەر شارى پوچتىسى گېزىتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىنى 3000 ئەتراپىدا ئېلان قىلغان. لىۋىيە دۆلەت باشلىقى كازافىيمۇ ئۆتكەن ھەپتىدىكى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا ئۆزىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى، خىتايدىكى 4-ئىيۇن ۋەقەسىنى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ ئاقلىغان.

تيەنئەنمېن ئانىلىرى بۈگۈنكى ئوچۇق خېتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ ئارزۇ ۋە تەلەپلىرىگە، ياكى ئارقىغا سوزۇش، ياكى باستۇرۇش شەكلىدە جاۋاب بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما مەزكۇر قانلىق ۋەقەنىڭ ھېچقاچان سوراقسىز قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.