ئامېرىكا تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشكە چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى 1989‏-يىلى 4‏-ئىيۇندا يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشكە چاقىردى.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى مارك تونېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا يەنە، تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان بارلىق مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىك تيەنئەنمىن مەيدانىدا يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «خىتاينى، تىنچ نارازىلىق نامايىشىغا قاتنىشىپ تۈرمىگە تاشلانغان مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقى»، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن، قولغا ئېلىنغان ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ھەققىدە مەلۇمات بىلەن تەمىنلىشىنى شۇنداقلا يەنە، نامايىشقا قاتناشقانلار ۋە قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئىغۋاگەرچىلىك سېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پەرزەنتلىرى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە ئۆلگەن بەزى ئائىلىلەرگە يەڭ ئىچىدە تۆلەم تۆلەشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن تيەنئەنمىن ۋەقەسىنى ئاقلاش، ئەپۇ سوراش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرغان جاۋابكارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە، جۈملىدىن سىياسىي قارىشىنى تىنچ شەكىلدە ئىپادىلىگەن كىشىلەرگە ھۆرمەت كۆرسىتىشكە چاقىرىپ، «بىز شۇنداقلا يەنە خىتاينى يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئومۇم تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھەق-ھوقۇققا خىلاپ ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان، مەجبۇرىي غايىب بولغان ۋە نەزەربەند قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دەپ كۆرسەتتى.