تيەنجىن شەھىرىدە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان

شەنبە كۈندىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك بومبا ھۇجۇمى يۇ بېرىپ ئىككى ئادەم يارىلانغان.

بۇ، مۇشۇ ياز ئىچىدە خىتايدا يۈز بەرگەن شۇ خىلدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ، ئىلگىرىكى ھۇجۇمدا 3 ئادەم ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، تيەنجىن شەھىرى خېشى رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىغا قارىتىلغان ئىكەن.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ «جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» دەپ سۈرەتلەنگەن ۋە گۇماندار ليۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدە چەن مىڭچى ئىسىملىك بىر ئۇۋاللىققا ئۇچرىغۇچى ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ۋە يەنە فۇجۇ شەھىرىدىكى ئىككى ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا بومبا قويغان ۋە ئۆزىنى قوشۇپ جەمئىي 3 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.

چەن ھۇجۇمدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۆزىنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، ئەمما ئادالەت تاپالمىغانلىقى ھەمدە ئادالەتنى ئۆزى يۈرگۈزۈش قارارىغا كەلگەنلىكنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تىيەنجىندىكى ليۇ فامىلىلىك ھۇجۇمچىنىڭ قانداق ئۇۋالچىلىقلارغا ئۇچرىغانلىقى ھازىرچە ئاشكارىلانمىدى.