خىتاي دائىرىلىرى 7 نەپەر تىبەتلىكنى باشقىلارنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان
2013.01.15
خىتايدا 2009-يىلىدىن بېرى نەچچە ئونلىغان تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش يولىنى تاللىغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشىغا چەتئەلدىكى دالاي گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شىنخۇانىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان 26 ياشلىق تىبەت راھىبىنى دالاي گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ كۈشكۈرتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى، دەپ قەيت قىلغان.
رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى مەيدانغا كەلگەن ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى بىلەن بىرلىكتە، ھازىرغىچە ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان تىبەتلەرنىڭ سانى 96 نەپەرگە يەتكەن. تىبەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىم سىياسىتىدىن قاتتىق نارازى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەدەنىيىتىنى، دىنىنى يوقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقى ۋە رايونغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەن يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ قەدىمىنى تېزلەشتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ.