تامچو بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئەسلى بوڭتاك ئىبادەتخانىسىنىڭ روھانىيلىرىدىن بىرى ئىكەن. ئۇ 1990 - يىللاردا ھىندىستانغا چىقىپ ئوقۇغان ئىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ساڭپو خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ بوڭتاك ئىبادەتخانىسى ئىگىلىگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاي قىسىملىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار چېكىنمىسە قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا كەلگۈچە 21 تىبەتلىك راھىب ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتاينىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 13 راھىب ئۆلگەن. بۇ خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.