مارىي ئونئېل خانىم بۇ سۆزنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ تىبەت بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەن. مارىي ئونېئىل خانىم سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى سۆھبەت يولى ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، تىبەتلەرگە قارىتا قاتتىق باستۇرۇش يولىنى تۇتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 22 - ئىيۇن كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسىدىن يەنە ئىككى نەپەر تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى نەق مەيداندا ئۆلگەن. تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتى 2011 - يىلى 11 - مارت كۈنى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 44 تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان.