شەنبە كۈنى يەنە بىر 27 ياشلىق تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرىۋېلىپ تىبەتكە ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى بولغان مەزكۇر تىبەتلىك كۆيۈپ يارىدار بولغاندىن كېيىن پۇقرالارنىڭ ئۇنى ئېلىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنماي، ئۇنى ساقچىلار ئېلى كەتكەن ھەمدە شۇ جەرياندا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ھازىرغىچە ئۆزىنى كۆيدۈرگەن تىبەتلەرنىڭ سانى 54 كە يەتكەن. دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ئىزباسارلىرى ئىزچىل تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا،بىراق ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرگە بېيجىڭ ھېچقاچان رەسمىي سۆھبەت دەرىجىسىدە مۇئامىلە قىلمىغان شۇنىڭدەك دالاي لامانىڭ «ئوتتۇرا يول» سىياسىتىمۇ ئەمەلگە ئاشماي كەلمەكتە.