26-ئىيۇلغىچە تىبەتكە چەتئەللىكلەرنىڭ كىرىشى چەكلەندى

خىتاي دائىرىلىرى 26-ئىيۇلغىچە تىبەت رايونىغا چەتئەللىكلەرنىڭ كېلىشىنى چەكلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تىبەتكە ساياھەت ئورۇنلاشتۇرىدىغان ھەرقايسى ساياھەت شىركەتلىرىگە 1-ئىيۇن كۈنى رەسمىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 26-ئىيۇلغىچە تىبەتكە ھېچقانداق چەتئەللىكنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئەمما ساياھەت شىركەتلىرىگە بۇنىڭ سەۋەبى ئۇقتۇرۇلمىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قارار سىچۈەن ئابا تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدا كېلىپ چىققان ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى 1-ئىيۇل كوممۇنىست پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 90 يىل توشىدىغان كۈنلەرنىڭ ئالدى-كەينىدە بىرەر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن مەزكۇر قارارنى چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.

لىخاسادىكى تىبەت خەلقئارا ساياھەتچىلىك ئورنى بۇ مەزگىلدە رايونغا كىرىپ-چىقىشنىڭ پەقەت چەتئەللىكلەرگە چەكلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىبەتتە 2008-مارتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەندىن بېرى، رايونغا چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ كىرىپ-چىقىشى قىيىنلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بۇيان سىچۈەننىڭ ئابا تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى كىرتى ئىبادەتخانىسىدا نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بېرىپ 400 گە يېقىن تىبەت راھىبى قولغا ئېلىنغان ۋە رايون ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنغان ئىدى.