دالاي لاما بۇ سۆزلەرنى گېرمانىيىنىڭ بادېن بادېن شەھىرىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ" بۈگۈن ئۇ يەردە غەزەپ - نەپرەت چېكىگە يەتتى.... ۋەزىيەت ناھايىتى جىددىي " دېگەن.
كېلەر ئاي تىبەت خەلقىنىڭ 1959 - يىلى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ 50 يىللىقى توشۇدىغان ئاي بولۇپ، دالاي لاما ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىنى ناھايىتى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى تىبەتنىڭ ھەر ۋاقىت ئىسيان پارتلاش گىردابىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ ": زوراۋانلىقنىڭ ھەر ۋاقىت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار. مېنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنىم ئىسيان يۈز بەرسە تېخىمۇ كۆپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدۇر. ئىشلار ناھايىتى كۆڭۈلسىز."
دالاي لاما بادېن بادېندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغان شۇ كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋەر تارقىتىپ، 2008 - يىلى 14 - مارتتىكى تىبەت ئىسيانىدىن كېيىن زوراۋانلىققا قاتناشقان 76 تىبەتلىكنىڭ جازالانغانلىقىنى، ئاز كەم مىڭغا يېقىن تىبەتلىكنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى جازالانغان تىبەتلىكلەرنىڭ سانىنى 55 دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
دائىرىلەر 14 - مارت لخاسا ئىسيانىدا 22 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھىندىستاندىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ئۆلگەنلەرنىڭ 200 دىن ئاشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. دالاي لاما بادېن بادېندىكى سۆزىدە " ئۆلۈم جازاسىنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىش تەس بولغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان تىبەتلىكلەر تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا. كىشىلەرگە قولغا ئېلىنغان ھامان تەن جازاسى بېرىلمەكتە، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا" دېگەن.