تىبەتلەرنىڭ سىياسىي رەھبىرى لوبساڭ سانگاي خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تىبەتلەرنىڭ سىياسىي رەھبىرى لوبساڭ سانگاي خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە خىتاينىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى تىبەتلەرنى ئەسەبىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئەركىنلىك تەلەپ قېلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى شەنبە كۈنى دالاي لاما نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

تىبەت باش مىنىستىرى لوبساڭ سانگاي: تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىرلاشتى. تىبەتلەر جېنىدىن كېچىپ ۋە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇسۇللارنى تاللاشقا مەجبۇر بولماقتا، دېدى.

1989 - يىلى 10 - دېكابىر يەنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى دالاي لاماغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دارامسالادىكى تسۇگلاكھاڭ ئىبادەتخانىسىدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا سۆز قىلغان لوبساڭ سانگاي خىتاينى تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىردى ۋە: بىز خىتايغا شۇنى خىتاب قىلىمىزكى تىبەت خەلقنىڭ ئەڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى بۇ رايوندا ھەقىقىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يول، دېدى.

بۇ يىل جەمئىي 12 تىبەتلىك راھىب ۋە راھىبەلەر ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتاينىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى.