چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يونتەن گيتاسۇ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغان. ئۇ بۇ يىل 18-ئىيۇن كۈنى سىچۈەننىڭ ئابا ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلىنىپ، 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئائىلىسى ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن چارشەنبە كۈنى خەۋەر تاپقان.
يونتەن گياتسۇ، 2011-يىلى 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئابادىكى كاشى گيېفېل سامتېنلىڭ ئىبادەتخانىسىدا قولغا ئېلىنىپ، چېڭدۇدىكى بىر قاماقخانىغا سولانغان. ئۇ، رەسىمگە تارتقان راھىبە تەنزىن ۋاڭمو تىبەت راھىبلىرى 2011-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى قوزغىغاندىن بۇيان، ئۆزىگە ئوت قويغان تۇنجى ئايال راھىبە. ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇشى ۋە يونتەن گياتسۇ تارتقان رەسىمى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
ھازىرغا قەدەر 50 كە يېقىن تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى دىنىي باستۇرۇش ۋە ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى، چەتئەلدىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ، تىبەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۈندەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىگە تىبەت روھانىي رەھبىرى دالاي لامانىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.