قارا شەھەر سوتى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى يىغىپ ساقلىغۇچى تىبەتلىكنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قارا شەھەر سوت مەھكىمىسى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى يىغىپ ساقلىغۇچى تىبەتلىكنى قەبرە ئوغرىلاش "جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلەپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

جاۋابكارنىڭ ئادۋوكاتى پۇ جىچياڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي قانۇنىدىكى "كېپەن ئوغرىلاش" جىنايىتى 1998 ‏- يىلدىن باشلاپ بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن قارا شەھەر سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى كارما سامدۇپ ئىسىملىك تىبەتلىك تىجارەتچىنى قەدىمىي قەبرىلەرنى قېزىش ۋە "كېپەن ئوغرىلاش" بىلەن ئەيىبلىگەن.

پۇ جىچياڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىگە بەرگەن مەزكۇر دېلو ھەققىدىكى ئۇچۇرىدا، كارما سامدۇپنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ "جىنايەت" سادىر قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كارما سامدوپ بۇ يىل 1‏ - ئاينىڭ باشلىرى چېڭدۇدا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى.

كارما سامدوپ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى يىغىپ ساقلىغۇچى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە مۇھىت قوغداش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان شەخس بولۇپ، ئۇنىڭ تىبەت ئىگىزلىكىدىكى دەريا ئېقىنلىرىنى قوغداش پائالىيىتى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئادۋوكات پۇ جىچياڭ ئۇنىڭ "جازاغا تارتىلىشىنىڭ ئارقىسىدا سىياسىي سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن" دېگەن.