بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋېيسېرنىڭ توردا ئېلان قىلىشىچە، 43 ياشلىق يازغۇچى گۇدرۇپ، ۋەقەدە ئېغىر كۆيۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. تىبەتنىڭ ناچۇ ۋىلايىتى، ناچۇ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق مەزكۇر تور يازغۇچىسى 4-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ناچۇ بازىرىدا ئۆزىگە ئوت قويغان.
ۋېيسېرنىڭ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يەرلىك تىبەتلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئاشكارىلىشىچە، گۇدرۇپ 4-ئۆكتەبىر ئەتىگەن سائەت 10:00 لاردا ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىپ ئېغىر يارىلانغان. ساقچىلا ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق دوختۇرلار ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ۋېيسېرنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، گۇدرۇپ ئۆلگەندىن كېيىن قوراللىق ساقچىلار ئۇنىڭ جەسىتىنى بۇلاپ كېتىپ، ئائىلە تاۋابىئات قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان. گۇدرۇپ، 2006-يىلى ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدا تۇرۇشلۇق تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنى زىيارەت قىلىپ تىبەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ 2008-يىلى قويۇپ بېرىلگەن.
گۇدرۇپ دائىم توردا ماقالە ۋە شېئىر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن. ماقالە ۋە شېئىرلىرىدا تىبەتلەرنى مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ساقلاشقا، ئازاب-ئوقۇبەت ۋە يوقىتىش ئالدىدا ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويماسلىققا چاقىرىپ كەلگەن.