ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ دارامسالا شەھىرىدىن بىلدۈرۈشىچە، تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى قۇرۇلتىيىدا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈرەش ئۇسۇلى ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلار نەسىللەر ئارا بىر توقۇنۇشقا ئايلانماقتا.
دالاي لاما ئۆزى ۋەكىللەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئەركىن - ئازادە ئىپادىلىشىگە شارائىت يارىتىش ۋە ئېلىنىدىغان قارارلارغا تەسىر كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن قۇرۇلتايغا قاتناشمىغان. دالاي لاما 23 - نويابىر يەنى قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە خىتايغا قارىتىلىدىغان پوزىتسىيە ھەققىدە ئۆز پىكىر ۋە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن يىغىنغا قاتنىشىپ ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
بۇ ئارىدا تىبەت قۇرۇلتىيى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تىبەت ئىشلىرى مەسئۇلى بى خاۋنىڭ بىرلىك سەپ 7 - ئىشخانا مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى مەلۇم ئەمەس، لېكىن بەزى خەۋەرلەردە تىبەتكە قاراتقان يۇمشاق پوزىتسىيىسى بى خاۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.
