تىبەت راھىبكالانى سىچۈەن ئۆلكىسىدە تىبەت راھىبلارغا قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى

بىر تىبەت راھىبكالانى سىچۈەن ئۆلكىسىدە تىبەت راھىبلارغا قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىردى.

بۇ يىل 16-مارت خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى نگابا (ئابا) تىبەت ئاپتونوم ناھىيىسىگە جايلاشقان كىرتى ئىبادەتخانىسىدىكى 20 ياشلىق راھىب پۇنتسوك ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاينىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇنىڭغا ئۇلاپلا يەنە مىڭغا يېقىن تىبەت راھىبى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پۇنتسوكقا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.

نەتىجىدە، مەزكۇر ئىبادەتخانا ئۆتكەن بىر ئايدىن بۇيان خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان ۋە 400 تىبەت راھىبى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

بۇ ھەقتە ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن تىبەت ۋە دارامسالادىكى كىرتى تىبەت ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبكالانى لوساڭ تەنزىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش قىلىشلىرىنى «قەبىھ» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ۋەزىيەت ئېغىر باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ ناچارلاشتى. بىز خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كېلىپ بىزنى قۇتۇلدۇرۇشىنى ۋە تىبەتلەرنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتقۇزۇشىنى تىلەيمىز.

نۆۋەتتە كىرتى ئىبادەتخانىسى تاقالغان ۋە تەقىب قىلىنغان.