تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى تۇنجى قېتىم تىبەت ئىچىدە يۈز بەرگەن

چەتئەللەردىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرى شەنبە كۈنى تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تىبەت ئىچىدە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-12-03
Share
ئىلگىرى 10 دىن ئارتۇق تىبەت راھىبە ۋە رەھبەرلىرى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ خىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئاساسلىقى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن.

ئابا ناھىيىسىدىكى تىبەت راھىبلىرى مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى كرىتى ئىبادەتخانىسىنىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ۋە خىتايدا تىبەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىدى.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ شەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىلدىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى تۇنجى قېتىم تىبەت ئاپتونوم رايونى ئىچىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالغۇچى 40 ياشلار چامىسىدىكى تىبەت راھىبى ئىكەن.

راھىب ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تىبەت راھىبىنىڭ ئىسمى تەنزىن فۇنتسوڭ ئىكەن.

تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ھەرىكەتلىرى توختىماي يۈز بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، تىبەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان ئىدى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت