مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دالاي لاما تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىدىكى مەمۇرىي ۋەزىپىلىرىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، پەقەت روھانىي داھىيلىق ئورنىنى ساقلاپ قالىدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك سايلام مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، سايلام نەتىجىسىنىڭ ياش ئەۋلاد تىبەتلەر بىلەن پېشقەدەم تىبەت سىياسىيونلار ئارىسىدا يىراقلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇ نۆۋەتلىك باش مىنىستىر سايلىمىغا جەمئىي ئۈچ ئادەم نامزات كۆرسىتىلگەن. بۇلارنىڭ بىرى دالاي لامانىڭ «ئوتتۇرا يول» ئىستراتېگىيىسىنى قوللىغۇچى سامدوڭ رىنپوچې، قالغان ئىككى نامزات دالاي لاما ئۇزۇندىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاپتونومىيىچىلىك سىياسىتىگە قارشى يول تۇتقانلار ئىكەن.
رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، نامزاتلارنىڭ بىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتور لوبساڭ سانگاي بولۇپ، ئۇ تىبەتلەرنىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرقتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ياسىمەن ئىنقىلابى» دىن پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يەنە بىر نامزات تەنزىن تېھوڭ تىبەتلەرنىڭ چوقۇم «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» يولىنى تۇتۇش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.
دالاي لاما ئۆتكەن ھەپتە سىياسىي ھاياتىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.