چىڭخەيدە تىبەتلىك بىر سەنئەتكار تۇتقۇن قىلىندى

خىتاينىڭ چىڭخەي ساقچىلىرى، مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى تىبەتلىك بىر سەنئەتكارنى تۇتقۇن قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، سوگترۇك شەراب ئىسىملىك بۇ سەنئەتكار ناخشىچى ۋە دراما ئارتىسى بولۇپ، ئۇ يېقىندا ئورۇندىغان بىرقانچە ناخشا ۋە ئېپىزوتلىرىدا تىبەت خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ چىڭخەي ساقچىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان.

يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇ يېقىنقى ناخشا تېكىستىدە تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى رەھبىرى لوبساڭ ساڭگايغا مەدھىيە بۇ ئوقۇغان، بۇ مەدھىيە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق زىتىغا تەككەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىگە ئىنكاس قىلىشىچە، مەزكۇر سەنئەتكارنى تۇتۇپ كەتكەن خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئائىلىسىگە بىلدۈرمىگەن.

خىتاينىڭ گەنسۇ ساقچىلىرى بۇ يىل 7-ئايدا تىبەتلىك بىر شائىرنى سىياسىي لىرىكىلىرى سەۋەبلىك؛ 8-ئايدا بولسا بىر مېيىپ ناخشىچىنى دالاي لاماغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلغان. بۇ قېتىمقىسى تىبەتلىكلەرنىڭ يېقىنقى 3 ئايدا ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان 3-سەنئەتكارىدۇر.