تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتايغا قارشى تىبەتكە ياردەم قىلىشقا چاقىردى

تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ سانگاي دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاب قىلىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى، تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ جۈمە كۈنى دارامسالاغا توپلانغان مۇھاجىرەتتىكى ھەر قايسى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە سۆز قىلىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب ئەللىرىگە بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى. بىز بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان كۈچلۈك مۇناسىۋىتىمىزنى قايتا مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك، دېگەن. ئۇ يەنە دارامسالاغا توپلانغان 400 تىبەت ۋەكىلگە ئەسكەرتىپ: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە شۇ كۈچلۈك سىگنالنى بېرىمىز، بىز ئۇنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمىز، دېگەن.

ئۇ يەنە: بىز خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، تىبەتتىكى باستۇرۇشنى توختىتىشىغا ئېھتىياجلىقمىز ۋە بۇنى قوغلىشىشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.

تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ دارامسالادىكى يىغىنىدا ۋەكىللەر تىبەتتىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى خىتاينىڭ تىبەتتىكى سىياسىتىگە قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە يېڭى پىكىر، يېڭى ئىدىيىلەردىن قانداق پايدىلىنىش، ئۆزىنىڭ تىبەتتىكى تەسىر كۈچىنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قېلىش، كېڭەيتىش قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. 2009‏-يىلدىن باشلاپ تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى باشلانغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر 50 نەچچە تىبەت پۇقراسى ئۆزىنى كۆيدۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 41 نەپىرى ئۆلگەن. بۇ قېتىم دارامسالادا چاقىرىلغان تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنىدا مەزكۇر مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنغان. سانگاي تىبەت پۇقرالىرىدىن بۇ خىل ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە ئارا بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.