تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى خۇ جىنتاۋنى تىبەتلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى

مەركىزى دارىمسالاغا جايلاشقان تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى 29 - يانۋار كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇنى تىبەت خەلقىغە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا چاقىردى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت سۈرگۈندىكى پارلامېنتى ئۆز ئوچۇق خېتىدە يەتتە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئوچۇق خەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تىنچلىق بىلەن نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەتلەرگە نىسبەتەن ۋەھشىيانە باستۇرۇش چارىسىنى قوللانغانلىقى»نى ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «تىبەتلەرنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرى، ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە ھاياتىنى قىلچە كۆزگە ئىلمىدى» دەپ تەنقىد قىلغان.

خەتتە يەنە تىبەتلەرنى باستۇرغان بىلەن ئەمما، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتلەرنىڭ روھىنىڭ باستۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر يەتتە ماددىلىق تەلەپ خېتىنىڭ مەزمۇنلىرى تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك، دىنى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت، سايلام ۋە پىكىر بايان قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى شۇنىڭدەك سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، تىبەتلەر بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تىبەت مەسىلىسىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرىنى تېپىش قاتارلىق مەزمۇنلارغا تاقالغان.

بىراق، ئوچۇق خەتتە ھېچقانداق مۇستەقىللىق شۇئارى مەيدانغا چىقمىغان.