ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى تىبەتلەر ھەم ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئاشكارىلاندى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، سىچۈەندە يۈز بەرگەن تىبەتلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن، 30-يانۋار دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بېيجىڭدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئۇلارغا ياتاق بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

بېيجىڭدىكى ھەرقايسى مېھمانخانىلارغا تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇش سەيشەنبە كۈنى خىتاي تور بەتلىرىگە قويۇلغان. ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق ھالدا بېيجىڭ خەيدىيەن رايونىدىكى ھەرقايسى مېھمانخانا، ئاممىۋى مۇنچا قاتارلىق ئورۇنلاردىن بۇ جايلارغا كەلگەن تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز ئەتراپىدىكى ساقچىخانىلارغا ھەمدە ۋۇ خۇ ئىسىملىك ساقچىنىڭ قول تېلېفونىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،توردا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرنى جىددىي تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئېنىق ھالدىلا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرگە قاراتقان مىللىي كەمسىتىشىنىڭ جانلىق پاكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دىلشات رىشىت ئۆز بايانىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز زېمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدىمۇ نازارەت قىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ زور نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.