خىتاي دائىرىلىرى بارلىق كۈچى بىلەن لخاسانىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى

سىچۈەننىڭ ئابا رايونىدا يۈز بەرگەن تىبەتلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن، خىتاينىڭ تىبەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، لخاسانىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.

«شىزاڭ گېزىتى» دىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ لخاسادىكى پارتكوم سېكرېتارى چىزارا 31-يانۋار، سەيشەنبە كۈنى ساقچى دائىرىلىرىدىن نۇقتىلىق ھالدا، لخاسادىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش، تىبەتكە سىرتتىن كىرگۈچىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە 1- مارتتىن باشلاپ تىبەتكە كىرگۈچى ھەرقانداق شەخسنىڭ يېنىدا كىملىكىنى ئېلىپ يۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

بۇلتۇر 3-ئايدىن بۇيان تىبەتتە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ۋەقەلىرى ھەم ئۆتكەن ھەپتە سىچۈەننىڭ ئابا رايونىدا يۈز بەرگەن تىبەتلىكلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن، تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ جىددىيلەشكەنلىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تىبەت مەسىلىسىگە قاراتماقتا.