مەزكۇر گېزىت بۇ ئىككى نەپەر ياشنىڭ نامىنى تىلغا ئالمىغان؛ لېكىن ئۇ ئىككىسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى، ساقچىلار تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن، تەسلىم بولۇشقا چاقىرغاندا، ئوق چىقىرىپ بىر ساقچى خادىمىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بۇ ئىككى گۇماندارنىڭ نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
تىبەتلەر يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش شەكلىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى باشلىغان. ھەرىكەت باشلانغاندىن ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەن 19 راھىب ئۆزىگە ئوت قويۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئۆتكەن ئايدا تىبەت داھىيسى دالاي لاما بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆزىگە ئوت قويۇشنىڭ جاسارەتلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان؛ ئەمما ئۇ، ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تىبەت ياشلىرىنى ئۆز جاسارىتىنى ئاقىلانە يولدا ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئىدى. بىر نەپەر خىتاي ساقچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، دالاي لامانىڭ يۇقىرىقى چاقىرىقىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىملىق شىددەت تۈسىنى ئالغان بىر قارشىلىق ھەرىكىتىدۇر.