خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان تىبەت راھىبىنىڭ ھەمراھلىرىغا جازا بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان تىبەت راھىبىنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە مەجبۇرلىغان دېگەن گۇمان بىلەن مەزكۇر راھىبنىڭ 3 ھەمراھىغا جازا بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىندى.

بۇ يىل 16 ياشقا كىرگەن تىبەت راھىبى رىگزىن پۇنتسوگ بۇ يىل 16-مارت ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت رايونى ۋە باشقا رايونلاردىكى تىبەت خەلقىگە قاراتقان سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالغان ئىدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى سېرىڭ تەنزىن ۋە تەنچۇم قاتارلىقلارنى نارازىلىق ھەرىكىتىنى پىلانلاش ۋە رىگزىننىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈشىگە ياردەمدە بولۇش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

3-راھىب دروڭدرۇ يارىلانغان راھىبلارنى يوشۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ۋەقە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ڭابا ناھىيىسىدىكى كىرتى ئىبادەتخانىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىبادەتخانا ھازىرغىچە خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قورشاۋىدا ئىدى.