شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر راھىبىڭ ئىسمى لوراڭ كونچوك دەپ يېزىلغان ۋە ئۇنىڭ يېنىدىن دالاي لامانىڭ چەتئەلدىكى سەپداشلىرىنىڭ تېلېفون ئالاقە ئۇچۇرلىرى تېپىلغانلىقى، راھىبنىڭ دالاي لامانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جەمئىي 8 تىبەتلىكنى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىشقا كۈشكۈرتكەنلىكى بايان قىلىنغان. شىنخۇانىڭ خەۋىرىدە يەنە مەزكۇر راھىبنىڭ چەتئەل بىلەن ئالاقىسىنى ۋە ئاتالمىش جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما خەۋەردە ئىقرار ۋە ئاتالمىش جىنايەتكە ئالاقىدار ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىلگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، دالاي لامانىڭ دارىمسالادىكى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغان. دالاي لامانىڭ باياناتچىسى، خىتاينىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەلىرى ئۈستىدىكى ئېنىقلاشلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئەمما ۋەقەگە دالاي لامانىڭ يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئۇ، راھىبنىڭ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىق بۇ ھەقتە خىتاي تەرەپنىڭ جاۋابىنى ئېلىش ئۈچۈن سىچۈەن ساقچىلىرىغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ،، ساقچىلار بۇ ھەقتە پىكىر ۋە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.