ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى خىتاينى تىبەت بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

چارشەنبە كۈنى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ھۇگو سۋايىر خىتاينى تىبەتلىكلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دىئالوگ ئۆتكۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-12-20
Share

ئۇ سۆزىدە، بېرىتانىيىنىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە «بېرتانىيە تىبەت خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولغۇسى بۇ دىئالوگنى قەتئىي قوللايدۇ» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۇگونىڭ بۇ سۆزلىرىگە دەرھال نارازىلىق بىلدۈردى. تۈنۈگۈن مەزكۇر مىنىستىرلىق باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئەنگلىيىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى. ئۇ ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېروننىڭ بۇ يىل مايدا دالاي لاما بىلەن ئەنگلىيىدە كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ «مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان زەخىملەندى. ئەنگلىيىنىڭ بۇنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرمەي، ئەمدى خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىگە قارىتا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى نۇرغۇن قېتىم خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، خىتاي ھەر نۆۋەت ئوخشاش جاۋابلار ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان تىبەتلەرنىڭ سانى بولسا 95 كە يەتكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت