ئۇ سۆزىدە، بېرىتانىيىنىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە «بېرتانىيە تىبەت خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولغۇسى بۇ دىئالوگنى قەتئىي قوللايدۇ» دېدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۇگونىڭ بۇ سۆزلىرىگە دەرھال نارازىلىق بىلدۈردى. تۈنۈگۈن مەزكۇر مىنىستىرلىق باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئەنگلىيىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى. ئۇ ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېروننىڭ بۇ يىل مايدا دالاي لاما بىلەن ئەنگلىيىدە كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ «مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان زەخىملەندى. ئەنگلىيىنىڭ بۇنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرمەي، ئەمدى خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.
تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىگە قارىتا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى نۇرغۇن قېتىم خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، خىتاي ھەر نۆۋەت ئوخشاش جاۋابلار ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان تىبەتلەرنىڭ سانى بولسا 95 كە يەتكەن.